
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010-يىلى يېزىلاردا تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى زاكازلىق، نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 14 مىڭدىن ئارتۇق تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 9708 ئوقۇغۇچى ئىشتاتقا كىرگۈزۈلگەن. بۇ تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 796 يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى قاپلىغان بولۇپ، قاپلاش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش «تور ئاساسى»نى مۇستەھكەملەش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن.
شىنجاڭ يېزىلاردىكى زاكازلىق، نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئاساسىنى پۇختىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش، دەل جايىدا ئىقتىدار قوشۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «3+5» (تولۇق كۇرس) ۋە «2+3» (مەخسۇس كۇرس) تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىدىكى نىشانلىق دوختۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش»نى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ