
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت سەھىيە مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، شياڭگاڭ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقا تۈردىكى تاماكا مەھسۇلاتلىرى (مەسىلەن، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا، سامان غوللۇق تاماكا ۋە قىزدۇرۇلغان تاماكا)نى ساقلىشىنى چەكلەيدۇ. ئىستېمالچىلار پەقەت يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ چەكمىگەن تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ، ئەگەر تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلسە، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3000 شياڭگاڭ پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالتە ئاي قاماپ قويۇلىدۇ. شياڭگاڭ سەھىيە مەھكىمىسى بىرلا ۋاقىتتا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: يېڭى بەلگىلىمىدە ئۆتكۈنچى مەزگىل يوق، «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازانى كەچۈرۈم قىلىش»مۇ يوق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ