
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى جۇ جۈن، يۈ جىڭشيەن
ھازىر دەل ئەتىياز پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئادەتتىكى يىللاردىكىگە يېتىشىۋالدى، قىشلىق قىچا كۆلىمى مۇقىم بولۇپ، ئۆسۈشى بىرقەدەر ياخشى بولدى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى، 1-كەسىپنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى سىجىل زورايدى.
«2026-يىلى» <15-بەش يىل> باشلىنىدىغان يىل، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»نى تەلەپ قىلدى.
يېڭى سەپەردە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قانداق تېزلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندى ھەم ئۇنى پىلانلىدى.
«ئەگەر زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېزىلاردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويساق، ئاخىرىدا < بىر تەرىپى ئاۋات شەھەر، يەنە بىر تەرىپى خارابلاشقان يېزا > بولۇپ قالىدۇ، بۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.»
2025-يىل 9-ئايدا، 8-قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللاپ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ». «چوڭ دۆلەتتىكى ئۇششاق دېھقانلار» ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، ئاساسىي يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك.»
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسمۇ يېزىلاردا.
شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، قانداق قىلغاندا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش
قىپقىزىل ئالمىلار زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى ئارزۇغا ئىنتىلىشتىن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان ئۇزاق مۇساپىگە گۇۋاھ بولدى. شەنشى يەنئەننىڭ ئەنسەي رايونى نەنگوۋ كەنتىدىكى ئالمىلىق باغدا، يۇرتداشلارنىڭ توسما ياساش، تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق، ئالمىدىن ئىبارەت «ئالتۇن ئەپكەش»كە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماختاپ تۇرۇپ: «مانا بۇ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سىلەر كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇۋاپىق يۆنىلىشىنى تېپىپسىلەر» دېدى.
«بېيداساڭ» ئىلگىرى «بېيداخۇاڭ» دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر بولسا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇنبەت تۇپراق. يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ئۈستىدە ئويلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: «زامانىۋى چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.»
بايلىق ئامىلى ئوخشاش بولمايدۇ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى خاسلىققا ئىگە، «يېزا-كەنتلەرنىڭ پەرقىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، خاسلىققا ئىگە زامانىۋى نۇسخىدىكى <فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى>نى بەرپا قىلىش كېرەك»، «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپكە تايىنىش كېرەك، ھەرقايسى جايلار ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان گۈللىنىش يولىدا مېڭىشى كېرەك»...«بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش»قا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزدىنىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى مۇجەسسەملەنگەن.
شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىناق تەرەققىي قىلىش
سانائەتلەشتۈرۈشنى، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا سېلىشتۇرغاندا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا پەرق بار. تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك، تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن ئويلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزىتىپ مۇنداق دېدى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئىشچى ـ دېھقانلار مۇناسىۋىتى، شەھەر ـ يېزىلار مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ.»
يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە زۆرۈر شەرتى.
«مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنى بەرپا قىلىپ، تۈمەنلىگەن دېھقان ئاممىسىغا بەخت ياراتتى. «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىقى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»، «ئەنئەنىۋى كەنت قىياپىتى بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش»، «يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش»...«بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»، يۇرتداشلارنى ئۆز جايىدا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىندى.
«دېھقانلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
گۇيجوۋ لىپىڭ ناھىيەسى جاۋشىڭ دۇڭجەي كەنتىدە كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر-سەنئەت ۋە تۈرلۈك مومدا گۈل بېسىش مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا «مەھسۇلاتلار قارشى ئېلىنىۋاتامدۇ؟»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قانچە ئەزاسى بار»، «ئۆزۈڭلەرنىڭ سۈپەتلىك ماركىسى بارمۇ-يوق» دەپ سورىدى؛ خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈ ناھىيەسىدىكى ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورىدا، ئېتىز قىرىنى بويلاپ كۆكتاتلىق ئىچكىرىسىگە كىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى، ئورۇپ ساقلاش، سېتىلىش باھاسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى.
خۇنەندە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە شال ئېتىزلىرىغا كىردى؛ گەنسۇغا بېرىپ مېۋىلىك باغنىڭ ھوسۇلىنى سورىدى؛ فۇجيەنگە بېرىپ، بېلىق تۇتقان چاغدىكى مول ھوسۇلنى كۆردى... يول يۈرۈش داۋامىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلاردىن ئالغا سىلجىتىپ، بىپايان زېمىنغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئۆزگەرمىدى.
2025 ـ يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 429 مىليارد 800 مىليون جىڭغا يەتتى؛ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى % 64 تىن ئاشتى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.4 ئاشتى. قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر دېگەندەك، نەتىجە قەغىزىدە، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسپى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ، گۈزەل ئېكولوگىيە، گۈزەل ئىقتىساد، گۈزەل تۇرمۇش بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
«كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پائال مەدەت بېرىپ ۋە قاتنىشىپ، تىرىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مانا بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ