
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 696 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشقان. 3-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشقان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم قايتا ئۆرلىگەن، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم ئەھۋالىدا سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. 1-پەسىلدە، كۆلەمدىن يۇقىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.0 ئېشىپ، بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ 6.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان؛ بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %33.7 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. كەسىپلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە، ئېلېكتىرون كەسپى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرقەدەر ياخشى بولۇشى، باھانىڭ قايتا ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، كەسىپ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %124.5 ئېشىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى پايدىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تىرەك بولغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالغان؛ تۆمۈريول، پاراخوت، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.7 ئاشقان.
يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 1-پەسىلدە، كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.4 ئېشىپ، بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ 7.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ساھەلەردىن قارىغاندا، سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئالاقىدار كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئوپتىك تالا ياساش، ئېلېكتىرون دېتاللىرىنى ياساش، كۆرسىتىش دېتالى ياساش كەسپىنىڭ پايدىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 336.8، % 43.0، % 36.3 ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان؛ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش، باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېمال ئۈسكۈنىلىرى ياساش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 53.8، % 67.3 ئاشقان؛ يېشىل ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلانغان، مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەشتە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ياساش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 100.0، % 25.0 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ