شۆھرەت زاكىر مولدوۋا پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2026.04.28 16:11 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا مولدوۋا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى، سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باترېئېنزا باشچىلىقىدىكى مولدوۋا پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەلەر ئالاقىسى ۋە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ