شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

«يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى تېپىپ چىقىش كېرەك

2026.04.27 14:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار ئارقىلىق چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردى، بۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارنى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تېپىپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم يىۋۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى خۇلاسىلىدى ۋە كېڭەيتتى. بۇ يىللاردا، يىۋۇ «ئۇششاق تاۋار، چوڭ بازار» يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى، نۆۋەتتە، ئۇششاق تاۋارلار بازىرىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 1 مىليون 260 مىڭدىن ئېشىپ، 230 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، 2025 - يىلى تاشقى سودا ئېكسپورت سوممىسى مەملىكەت بويىچە ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ