
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، موڭغۇلىيە (شىمالىي كەڭلىك 46.85 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 93.15 گىرادۇس)دە 6.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر بولغان.
دۆلىتىمىز شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىدى، مۇخبىرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك توغرىسىدا ۋاقتىنچە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ