نەنفاڭ قارا كۈنجۈت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى

2026.04.27 15:15 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، نەنفاڭ قارا كۈنجۈت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىركەتنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى شىركەت ۋە شىركەتنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇدىرى ۋېي چىڭۋېننى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە شىركەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى بىردەك نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېلو تۇرغۇزۇش مەزگىلىدە، شىركەت ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ