
23-چېسلا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2026-يىلى 1-پەسىللىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق سېلىش، توينى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ