قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئىلمىي چېنىقىشقا يەنىمۇ يېتەكلىگىلى بولىدۇ (سىياسەتكە دائىر سوئال-جاۋاب. كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش)

2026.04.27 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز تاۋ شياڭئەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئاتا ـ ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئائىلىسىنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ياخشى چېنىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تەنتەربىيە چېنىقىشىنى تېخىمۇ كەسپى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

بالىلارنى قانداق قىلغاندا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەك

ئوقۇرمەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە: بالام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر، دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىمايدۇ، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ياخشى چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بەدەن ساپاسىنى ساغلام، ياخشى قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟

بالىلارنى ھەقىقىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى تەنتەربىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىقىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛ دەرس ئارىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، شارائىتى بار ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر قېتىمدىن 30 مىنۇتتىن كەم بولمىغان چوڭ دەرس ئارىلىقىدىكى سۈپەتلىك تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تەنتەربىيە چېنىقىشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك...

سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى جايلار پائال ئىزدەندى. مەسىلەن، بېيجىڭ شەھىرى «تەنتەربىيەگە دائىر سەككىز ماددا»نى ئېلان قىلىپ، «تەر چىقىرالايدىغان» تەنتەربىيە دەرسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى؛ يۈننەن ئۆلكىسى «مايسا كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ئىككى سائەت»لىك قاتتىق كۆرسەتكۈچنى ئەمەلىيلەشتۈردى...

بۇنىڭدىن باشقا، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى «يۈگۈرەيلى. ئۆسمۈرلەر» قاتارلىق باش تېمىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى خاس ماركىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيىتى سىستېمىسىنى بېيىتىپ، پائالىيەتنىڭ ياش باسقۇچىنى تولۇق قاپلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، 151 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر قاتنىشىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى.

ھەرىكەت قىلغاندا زەخىملىنىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

ئوقۇرمەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە: بالام تەنھەرىكەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، مەن دائىم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا زەخىملىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن، قانداق قىلغاندا چېنىقىشنى بىخەتەر ھەم ئىلمىي قىلغىلى بولىدۇ؟

ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئىلمىي، ئۆلچەملىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى جەمئىيەتكە «بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئائىت 20 ماددىلىق تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى، ھەرىكەت مىقدارى، ھەرىكەت ۋاقتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى ئىلمىي يېتەكچىلىك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، «بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئۇزاق ئولتۇرۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر 40 مىنۇتتا ئورنىدىن تۇرۇپ 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشى كېرەك»، «بىرسائەتلىك بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ھەرىكەت دەرسى ئادەتتە بەدەن قىزىتىش، ئاساسىي گەۋدە ۋە ئارام ئېلىش قىسمىغا بۆلۈنىدۇ»، «بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتىن بۇرۇن بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە بەدەن قىزىتىش، تەنتەربىيە ئويۇنى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە بەدەن سوزۇشنى ئاساس قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ»...تۈرلۈك ئەمەلىي بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتمىلىرى ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ بەدەننى قانداق بىخەتەر، ئىلمىي چېنىقتۇرۇشنى تېخىمۇ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت يۈرۈشلۈك كارتون فىلىملىرىنى ئىشلەپ ۋە تارقىتىپ، «مۇتەخەسسىسلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى» بەرپا قىلىپ، بۇلۇتتا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي بەدەن چېنىقتۇرۇش سىنلىرىنى ئېلان قىلدى، مەسىلەن، «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقا ساغلاملىقىنى قوغداش»، «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت كۆرسەتمەسى» قاتارلىقلار، بالىلار ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ئىلمىي، ساغلام تەنتەربىيە ئىدىيەسىنى تارقاتتى.

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بەش تارماق بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەرىكەتكە ئارىلىشىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2026-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە)»دا، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى، ساغلاملىق ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2028-يىلىغا بارغاندا، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەت ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەنتەربىيە چېنىقىش ئادىتىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرۈپ، يەتتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياشلار-ئۆسمۈرلەردىن دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى سىجىل ياخشىلاش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ