
مۇخبىرىمىز ليۇ چۈەن، جاڭ يۈنخې
4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، «گۇاڭشىدا ياسالغان» سۈنئىي ھەمراھ «يېڭى سەپەر 01»نىڭ ئوربىتىغا كىرگىنىگە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولدى، ئوربىتىدا سىناق قىلىش ئوڭۇشلۇق بولدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى بوشلۇق سىناق سانلىق مەلۇماتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا يەتكۈزۈلدى. «يېڭى سەپەر 01» جىنخۇا چېيى، بەيشياڭگو ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئېلىپ «ئالەمگە ئۇچۇپ»، تۆۋەن تەننەرخلىق ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش، بىيو تېببىي دورا، بىيو سىناق قاتارلىق تەتقىقاتلارنى باشلىدى.
باشلامچى بولۇپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش كارخانىسى جۇڭكې سۈنئىي ھەمراھ (گۇاڭشى) پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شېڭچىڭ «سۈنئىي ھەمراھ ياساش» ئەۋزەللىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، تۆۋەن كەڭلىك جۇغراپىيەلىك شارائىتى، ئىككىنچى، «بىر قولتۇق ئارقىلىق 11 دۆلەت بىلەن تۇتىشىپ تۇرۇش»تەك ئۆزگىچە رايون ئورنى، «بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونىدىكى قىسمەن كارخانىلار بىلەن سۈنئىي ھەمراھ ۋە سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش نىشان كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، پەرەزدىكى سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. » كارخانا تۇرۇشلۇق فاڭچېڭگاڭ شەھىرى كۈچنى توپلاپ تىجارەتلىك ئالەم قاتنېشى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «دېڭىز ئۈستىدە قويۇپ بېرىش − ئالەم بوشلۇقى ياسىمىچىلىقى − سانلىق مەلۇماتنى ئەمەلىي قوللىنىش» كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.
2021-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىر چوڭ ئەمەلىي تەدبىرى، ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 2023-يىل 12-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، گۇاڭشىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، بىرقەدەر چوڭ كۆلەمگە ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە بىرقانچە تۈۋرۈك كەسىپنى بەرپا قىلىش كېرەك. » «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇاڭشى ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى، زورايتتى.
بىر پارچە ئاليۇمىن بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش كەسپىنىڭ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە گۇۋاھ بولدى −
بىر ۋاراق ئاليۇمىن ياپراقچىسى ئەڭ نېپىز بولغاندا 0.006 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ، گۇاڭشى بەيسېشىڭخې ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ئاليۇمىن ياپراقچىسى بولۇپ، تېببىي دورا، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. 17 يىل ئىلگىرى شىركەت قۇرۇلغاندا، ئاساسلىقى «ئاليۇمىن يۆگىمىسى سېتىش»نى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشىمۇ يىرىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھۈنەر-سەنئەتنى ياخشىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىدى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ دېۋېن سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلدى: «ئاليۇمىننى تۇتۇش، ئاليۇمىننى ئۇزارتىش، ئاليۇمىننى سەرخىللاشتۇرۇشتا، تۇتۇپ تۇرغىنىمىز بايلىق تامىقى، ماڭغىنىمىز تىپ ئۆزگەرتىش يولى.»
رەڭلىك مېتال گۇاڭشىنىڭ ئەۋزەل كەسپى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە قەدەمنى پۇختا ئالدى: بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايون خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كۆپ تارماق ھەمكارلىشىپ، ئاليۇمىن، قەلەي، ئانتىمون قاتارلىق رەڭلىك مېتال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى ۋە كېڭەيتتى؛ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، «كىچىك، تارقاق، قالايمىقان» 184 كارخانىنى قانۇن بويىچە تاقىدى، ئەمەلدىن قالدۇردى؛ يېڭى يول ئېچىپ، يېشىل تاللاش-تاۋلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، قىزىل لاي، تاۋلاش داشقاللىرى قاتارلىق قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتتى. ..«مەخسۇس بەن مۇلازىمىتى، تېخنىكا ئۆزگەرتىش مەبلىغى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاشنىڭ پايدىسىدا» «بىزنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاليۇمىن تاختا لېنتىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ئاليۇمىن ياپراقچىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىمىز ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ يېڭىلىنىۋاتىدۇ» دېدى شۈ دېۋېن.
كەسىپلەرنىڭ «يېشىللىق تەركىبى» تەرەققىيات «قىممىتى»نى ئۆستۈردى. 2025-يىلى گۇاڭشىنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 461 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشتى.
بىر ئاپتوموبىلدا كەسىپ ئەۋزەللىكى «زەنجىرى» ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى −
ليۇجوۋ شەھىرىدىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى تۇڭيۇڭ ۋۇلىڭ ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى باۋجۈن بازىسىدا، ئىقتىدارى ھەر خىل 78 سۈنئىي ئەقىل ئارىلى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇرۇپ ياساپ چىقىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئارىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بار: ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە، مەلۇم ئىش تەرتىپىدە مەسىلە كۆرۈلسە، پۈتۈن لىنىيە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاشقا توغرا كېلەتتى؛ ھازىر، ھەربىر «ئارال» ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنى قۇراشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 78 سۈنئىي ئەقىل ئارىلى «ئەقلىي ياسىمىچىلىق زەنجىرى»نى ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسىسى ئوخشاش بولمىغان زاپچاسلارنى قۇراشتۇرىدۇ، ئاپتوموبىل ياساش خۇددى كۇبىك قۇراشتۇرغانغا ئوخشايدۇ. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى تۇڭيۇڭ ۋۇلىڭنىڭ تېخنولوگىيە ئىنژېنېرى سەي لىن مۇنداق تونۇشتۇردى: سۈنئىي ئەقىل ئارىلى ئىشلىتىلسە، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى %30 ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئەقلىي ياسىمىچىلىق زەنجىرىنىڭ ئارقىسىدا تەمىنات زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بولۇپ، ھەممە زەنجىر بىر ـ بىرىگە ئۇلانغان. پەن ـ تېخنىكا «ئۆتكۈر» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىشتۈردى. ..گۇاڭشى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، زەنجىرنى توپلاپ توپ ھاسىل قىلدى. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى تۇڭيۇڭ ۋۇلىڭنى ئېلىپ ئېيتساق، سىياسەت مەدىتىدە، 50 تىن ئارتۇق كارخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورنى، ئالىي مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ گۇاڭشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەجرىبىخانىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، 110 تۈرلۈك سۈنئىي ئەقىل ئارىلى پاتېنت تېخنىكىسى تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىردى.
گۇاڭشىدا 10 چوڭ 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك تۈۋرۈك كەسىپ، 12 دۆلەت دەرىجىلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خاس كەسىپ توپى شەكىللەندى، 2025-يىلى يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50 تىن ئاشتى.
بىر قاتار سانلار رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى جانلاندۇردى −
قۇرۇلغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا تۈرىدىن 90 نى ئىمزالىدى، مەملىكەت سىرتىدىكى 16 كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. ..جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئەمەلىي قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر كارخانا جاۋاب بەردى. بۇ مەركەزگە تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلاشقان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭشى شىنچېن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تەرجىمە قىلىش ئۈسكۈنىسى 20 خىلدىن ئارتۇق تىلنى ئەمەلىي ۋاقىتتا تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ لىخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالاقىدار تېخنىكىلارنى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق، مەھسۇلاتلىرىمىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا قىسمەن دۆلەتلەرنى بىۋاسىتە تەمىنلەيدۇ.»
گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن گۇاڭشى مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشتى: بىر تەرەپتىن رايونلار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتى، 2025-يىلى تېخنىكا توختامىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 120 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى چوڭ بازىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «شەرقىي قىسىم تەتقىق قىلىپ يارىتىش، لايىھەلەش + گۇاڭشى ياسىمىچىلىقى + شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بازىرى»دىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان كەسىپ ئېكولوگىيەسىدە ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى.
ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، گۇاڭشى جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق كارخانىغا تۈرتكە بولۇپ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىسلاھ قىلىش، رەقەملىك ئايلاندۇرۇش»نى تاماملىدى. 2026-يىلى 1-پەسىلدە، گۇاڭشىنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى يادرولۇق كەسىپلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 22 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۇاڭشى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورنىنى توغرا تېپىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى» دېدى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن گاڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ