
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ترامپ ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئەمەلدارلىرى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: لىۋان زۇڭتۇڭى جوسېف ئاۋئون ۋە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاقسارايدا زىيارەتتە بولىدۇ، ئامېرىكا بۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ