ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ياش چەكلىمىسى 38 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنگىچە كېڭەيتىلىدۇ

2026.04.24 14:28 مەنبە: خەلق تورى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «2026-يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ياش شەرتىنى 38 ياش (38 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن تۆۋەنگىچە كېڭەيتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك يۆتكىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ