ئىران ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى: قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق، لېكىن ئاسىيا ساھىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچمەيمىز

2026.04.24 14:23 مەنبە: خەلق تورى

6-نۆۋەتلىك ئاسىيا ساھىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل پۇتبول تۈرى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەنيادا باشلاندى. شۇ كۈندىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، ئىران كوماندىسى ئىككىگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسىنى يېڭىپ، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى. ئىران ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مەھدى ئەلى نىجاد مۇسابىقىنى تولۇق كۆرۈپ، بۇ قېتىم ئىران كوماندىسى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ