
دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بالدۇر تاسقاپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ساغلاملىق بىلىملىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە 32 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى «بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر تاسقاپ تەكشۈرۈش، بالدۇر داۋالاش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ راكقا تاقابىل تۇرۇش». دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق %40 تىن ئارتۇق راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
يېقىندا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «جۇڭگو راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى قائىدىسى (2026-يىل نەشرى)»نى ئېلان قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، ھەرىكەت، تازىلىق ئادىتى، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر 15 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپلەر ئاددىي ھەم قىلغىلى بولىدىغان، قولاي ھەم ئەمەلىي بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تور بېكىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چۈشىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ