
گېزىتىمىز مۇخبىرى
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش
خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا) يىغىنى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ۋە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ پۇختا يولغا قويۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەۋى كوردىناتنى يەنىمۇ توغرىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى چىڭىتتى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىنجوۋ شەھىرى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى تەشكىللەپ ئۆگىنىش-تەربىيە بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا ئۇيۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار، ياش كادىرلار، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارنى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كادىرلار توپىنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىبرەت تەربىيەسى، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
غەربىي شىمال دېھقانچىلىق ـ ئورمانچىلىق پەن ـ تېخنىكا داشۆسى خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، قايتما ئىنكاس قىلىش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى؛ پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپچىلار روھى، ئالىملار روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى غايە ـ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە، كەسپىي ئۆگىنىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق كونكرېت ھەرىكەتلەردە ئۈلگە بولۇشقا يېتەكلىدى.
پەرقلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ليۇئەن شەھىرى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، كەنتلەرگە بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆگىنىش-تەربىيەدىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت تۇتقا قىلدى. شەھەر، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، كارخانىلارنى زىيارەت قىلدى، كەنتلەرگە باردى. دىققەتنى كۆزىتىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش، نۇقتىدىن نۇقتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇشتا ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.
يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى، ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش كۆرۈلگەن ئاساسلىق مەسىلىلەر تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆزىتىشىگە تۈرتكە بولدى. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يول ئېچىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ يۆنىلىش بەلگىلەش ئارقىلىق، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كەسىپ ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلىشى مۇقىم بولماسلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كەڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شۇ جاينىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.
خەينەن ئۆلكىسى لېدۇڭ لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى مىسال ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز كۆزىتىشىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، ھەر دەرىجىلىك كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دېڭىز قىرغىقى بەلبېغى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىشقا، تىزىملىكنى ئەمەلىي كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش
جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق» ئەھۋاللىرىنى توستى. شۇ جاي رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىشنى تۇتقا قىلىپ، «نەنتۇڭ شەھىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىپ، ناھىيە (شەھەر، رايون)، ئورگان، تارماق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مەسئۇللارغا قارىتا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تىزىملىكىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، تەشكىلات تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلار تولدۇرۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش يىغىنى تەشكىللەش، ئىككى تەرەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچىلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق بەش باسقۇچنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «كونا ھېسابات»نى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتوۋ شەھىرى 1000دىن ئارتۇق شەھەر باشقۇرۇش كادىرىنىڭ نۇقتا بويىچە ئالاقە باغلىغان كەنت(مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خەلقنىڭ ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزەشنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى شياجياڭ ناھىيەسى 60 ياشتىن ئاشقان، ئۆيدە يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا «بىر كۇنۇپكا بىلەن چاقىرىش» ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بەردى، ياشانغانلار «كىچىك كۇنۇپكا»نى باسسىلا، سىستېما دەرھال ۋەسىيسى ۋە قوشماقلاشقان كەنت كادىرلىرىغا تېلېفون بېرىپ، بىر باسسىلا كۆپ دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشتەك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. شياجياڭ ناھىيەسى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقتىن ھال-ئەھۋال سوراپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، قاتناش-سەپەرگە چىقىش، شەھەر-يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ