ۋەيمەي ئاشخانىلىرىنىڭ توڭلاتقۇسى داتلىشىپ كەتكەن، خۇرۇجلار قالايمىقان ئىشلىتىلگەن...ئۈرۈمچى شەھىرى تور يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىدى

2026.04.23 15:16 مەنبە: خەلق تورى

«ۋەيمەي بۇيرۇتۇش» ھازىرقى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى قولاي يېمەك-ئىچمەك تاللىشىغا ئايلاندى، تور يېمەك-ئىچمىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. توردىكى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قىسمەن ۋەيمەي دۇكانلىرىدا كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، ئاشخانا مۇھىتى مەينەت، قالايمىقان بولۇش، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش قېلىپلاشماسلىق، ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ، تور يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى شەھەر رايونىدىكى تېز تاماقخانىلار، توردا بازىرى ئىتتىك ۋەيمەي دۇكانلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ھالىتىگە مەركەزلەشتۈردى.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىنى قاپلىغان بولۇپ، تور يېمەك-ئىچمەك پۈتۈن زەنجىرىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش، ئاشخانا تازىلىقى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى مۇۋاپىق ساقلىماسلىق، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش، ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ