دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى: 4-ئايدىن بۇيان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە بۇرۇن ۋىرۇسىنىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى

2026.04.23 15:16 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئانالىزى ۋە ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى ئەسكەرتمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شى جىڭجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا سەل داۋالغۇش كۆرۈلدى، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە بۇرۇن ۋىرۇسىنىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، دېنگې قىزىتمىسى، كىكونكېنيا قىزىتمىسى قاتارلىق پاشا ۋاسىتىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش، قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكى قاتارلىق ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ