بەيشېڭ جۇڭگو پاي كونترول چەكلىك شىركىتى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، كېنتاكى تاتلىق چۈچۈمەل قىيام، تاتلىق لازا قىيامىنى ھەقلىق مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىدۇ

2026.04.23 15:15 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، بەزى تورداشلار كېنتاكى توخۇ گۆشى پارچىسىنى سېتىۋالغاندا قىيامىنى كۆپرەك تەلەپ قىلسا ھەقلىق سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى ئىنكاس قىلدى، بۇ ئىش كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قوزغىدى.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، كېنتاكى جۇڭگونىڭ ئانا شىركىتى بەيشېڭ جۇڭگو پاي كونترول چەكلىك شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2026-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، كېنتاكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشخانىلاردا تاتلىق-چۈچۈمەل قىيام، تاتلىق لازا قىيامى ھەقلىق مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىلىدۇ. نورمال سەپلىمە(بىر كىشىلىك ياڭيۇ قەلەمچىسىگە ئىككى بولاق پەمىدۇر قىيامى، بىر كىشىلىك ئالتۇن توخۇ پارچىسىغا بىر قۇتا تاتلىق چۈچۈمەل قىيام)دىن باشقا، تاتلىق چۈچۈمەل قىيام ۋە تاتلىق لازا قىيامى ھەقسىز تەمىنلەنمەيدۇ. ئەگەر خېرىدارلارنىڭ پەقەت ئاز مىقداردا قوشۇمچە ئېھتىياجى بولسا، يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن ئېھتىياجى بىرقەدەر كۆپ بولسا، شىركەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئايرىم سېتىۋېلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ