
4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى پاناماغا كەلگەن جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېگرادىن كىرىش بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.
يېقىندا، پاناما تاموژنىسى توكۇمېن ئايرودۇرۇمىدا جۇڭگو پاسپورتى بىلەن چېگرادىن كىرگەنلەرنى قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرگەندە تۇتۇپ قېلىنىشى، ئېلىپ يۈرگەن بۇيۇملىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنىڭ بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پانامادا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئەلچىخانىسى پاناماغا كەلگەن جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن پانامانىڭ چېگرادىن كىرىش بەلگىلىمىسىنى تولۇق ئىگىلەپ، كۈچكە ئىگە ۋىزا ياكى شۇ جايدا تۇرۇش ۋە خىزمەت قىلىش ئىجازىتى بىلەن قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چېگرادىن كىرىشنى؛ ئەگەر چېگرادىن كىرگەندە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى بىنورمال تۇتۇپ قېلىش، سوراق قىلىشقا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئەسكەرتتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى (24 سائەت):
+86-10-12308
+86-10-65612308
پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى:
+507-66779301
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ