چەت ئەللىكلەر جۇڭگودىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن ھەيران قالدى

2026.04.23 15:14 مەنبە: خەلق تورى

«كەچ سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، مەن كوچىدا يالغۇز مېڭىپ، يۈز پىرسەنت بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتىم.»، «ياش ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن، ئۆزۈم يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. مەن يۇرتۇمدا بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.» يېقىندا، نۇرغۇن چەت ئەللىك بىلوگچىلار جۇڭگوغا كېلىپ نەق مەيداندا داكا قىلىپ، تېلېكامېرا ئارقىلىق جۇڭگودا ھېس قىلغان بىخەتەرلىك تەسىراتلىرىنى خاتىرىلىدى. ئۇلار يېرىم كېچىدە كوچىدىكى چىراغلارنىڭ يوپيورۇق ئىكەنلىكىدىن، قارىغۇچىسى يوق تېز يوللانمىنىڭ شۇ جايىدا تۇرغانلىقىدىن ھاياجانلاندى. بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ئاشۇ بىخەتەر، ئىشەنچلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى چەت ئەللىك تورداشلار ئېلىپ كېتىشنى ئەڭ خالايدىغان جۇڭگونىڭ «خاس مەھسۇلاتى»غا ئايلاندى. يەنە بەزى چەت ئەللىك بىلوگچىلار: جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ، كەچتە سىرتقا چىقىشتىكى بىردىنبىر «خەتەر»− ئېسىل تائاملار بەك كۆپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يەپ سەمرىپ كېتىش!، دەپ خورسىنىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ