تاموژنا چېگرادىن كىرگەن يولۇچى پېتەك ئاستىغا يوشۇرۇۋالغان 367 تال ئالماسنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى

2026.04.23 15:14 مەنبە: خەلق تورى

«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن بىر يولۇچى پېتەك ئاستىغا يوشۇرۇۋالغان ساپ ئېغىرلىقى 10.49 گىرام كېلىدىغان 367 تال ئالماسنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

شۇ كۈنى، تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، بىر ئەر يولۇچىنىڭ تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش رايونىغا كىرىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغانلىقىنى بايقىغان، تاموژنا خادىملىرى ئۇنى تاللاپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا، تاموژنا خادىملىرى ئالاقىدار كىشىنىڭ پەقەت بىر يۈدۈمە سومكىنىلا ئېلىپ تاموژنىدىن ئۆتكەنلىكىنى، سومكىدىكى بۇيۇملارنىڭ ئاددىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بايان قىلغان سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالاقىدار كىشى شياڭگاڭ ئۈنچە-مەرۋايىت كۆرگەزمىسىگە بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن تىلىنى چايناپ، دۇدۇقلاپ، چىراي ئىپادىسىدە جىددىيلىشىش كۆرۈلگەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاموژنا خادىملىرى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئوڭ پۇتىدىكى پېتەك ئاستىدىن 367 تال گۇمانلىق ئالماسنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

كېيىن شېنجېن تاموژنىسىنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزى باھالاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئالماس دانچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالماس ئۈزۈك يۈزلۈك بولۇپ، 112 مىڭ 500 يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو تاموژنا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ