لى گەنجيې گەنسۇ، سىچۈەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىپ، شىزاڭ بۇددا دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك

2026.04.23 15:12 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې گەنسۇ، سىچۈەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، شىزاڭ بۇددا دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ گەنسۇ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە سىچۈەن ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چېڭدۇ شەھىرىگە بېرىپ، شىزاڭ بۇددا دىنىغا ئالاقىدار بۇتخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ گەنسۇ ئۆلكىلىك بۇددا دىنى شۆيۈەنى، سىچۈەن داشۆسى جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلىپ، دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، راھىبلارنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ مەكتەپ، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. لى گەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، بۇتخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دىن ساھەسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. دىنىي مەكتەپلەرنى كۈچەپ ياخشى باشقۇرۇپ،«قوش تىل» ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات ئاپپاراتىنى كۈچلۈك قۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، شىزاڭ بۇددا دىنى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، غايە-ئېتىقاد ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

لى گەنجيې يەنە لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا مەركەزلىك كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى يوقلىدى، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، گىرەلەشمە مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ سىچۈەن ئۆلكىلىك سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى گەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: دەل جايىدا ياردەم بېرىش ـ يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ يولغا قويۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يۈكلەش كېرەك. سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ