
مۇخبىرىمىز لى شياۋچىڭ
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى «يېڭى سەپەردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار» جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى دەل 57-قېتىملىق دۇنيا يەرشارى كۈنى بولۇپ، بەش نەپەر «ئەڭ گۈزەل تەبىئەت قوغدىغۇچى»لار ۋەكىلى «تەبىئىي بايلىقنى قەدىرلەپ، گۈزەل جۇڭگونى قوغداش»نى چۆرىدەپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ ۋېيمىن تەبىئىي بايلىق بىرىنچى سېپىدە 30 نەچچە يىل يىلتىز تارتتى. بۇ يىللاردا، ئۇ ئەنجىدىكى كەنت، ئېتىزلارنى ئايلىنىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، يەرنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ھەم ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى، ھەم ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسىي رېڭىنى قوغدىدى.
مۇشۇ يىللاردا، «مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» ئەنجىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى، ئەنجىدىكى كەنت، ئېتىز، دەريا ئېقىنى، تاغ، ئورمان، يوللار بارغانسېرى ئىناق، تەرتىپلىك بولدى. 2010-يىلىدىن باشلاپ، ۋاڭ ۋېيمىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بىرقەدەر تارقاق بولغان بىر قىسىم كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈشنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزدى. «كۆپچىلىكنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، خىزمىتىمنىڭ ئىنتايىن ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ۋاڭ ۋېيمىن.
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 1- يەر ئۆلچەش ئەترىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى رېن شيۇبو تەبىئىي بايلىقنى ئۆلچەش-سىزىش خىزمەتچىسى. «20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن دالىدا ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرىنى ئۆلچەش-سىزىش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت تېررىتورىيەسى بىلىملىرى، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش، ئۆلچەش-سىزىشنى ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە ئۆلچەش-سىزىش روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە كۈچ چىقاردىم.» رېن شيۇبو مۇنداق دېدى: ھەيدەش ياردەمچىسى، تاماق بۇيرۇتۇش دېگەندەك خەرىتىگە ئالاقىدار بۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلچەش-سىزىش ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىدۇ، ئۆلچەش-سىزىش كۈندىلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ.
دالادىكى خىزمەت مۇھىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئۇ ۋە سەپداشلىرى چىڭ تۇرىدىغان ئېتىقادنى تىلغا ئالغاندا، رېن شيۇبو مۇنداق دېدى: «بۇ، دۆلەت ئۈچۈن ئۆلچەش-سىزىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتىن كەلگەن، شۇنداقلا <ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش> تەك ئۆلچەش-سىزىش روھىدىن كەلگەن. دالادىكى جاپالىق مۇھىتتا قانچىكى ئۇزاق يۈرگەندە، ئۆلچەش-سىزىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قىممىتىنى شۇنچە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.»
جۇڭگو گېئولوگىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇ رايى گېئولوگىيە مۇھىتى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ گۇيلىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمىتىم يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش. يەر ئىسسىقلىقى پاكىز، مۇقىم، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاسىلىي ئېنېرگىيە، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى پاكىز ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.»
«تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يەر ئىسسىقلىقىنى ئېچىش كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يەر ئىسسىقلىقى خىزمىتى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. » ۋاڭ گۇيلىڭ مۇنداق دېدى: مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن «چوڭقۇر يەر ئاستى» پەن ـ تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا يەر ئاستى سۈيى، يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سۇ تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پاكىز تەرەققىياتقا تىرەك بولىمەن.
بېيخەي ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەركىزى خەيياڭ دېڭىز-ئوكيان پونكىتىنىڭ باشلىقى جياڭ ۋېنكەي ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇرۇقلۇقتىن ئەڭ يىراق بولغان يېگانە ئارال چيەنلىيەندە خىزمەت قىلغان، «چيەنلىيەن دېڭىز-ئوكيان پونكىتى دۆلەت ئۆلچەملىك دېڭىز-ئوكيان كۆزىتىش پونكىتىغا تەۋە، بىز ھەر كۈنى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى يوللايمىز، قولغا كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلار دېڭىز-ئوكياندا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا كەڭ مۇلازىمەت قىلىدۇ.»
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى دېڭىز-ئوكياننى كۆزىتىشكىمۇ يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «دېڭىز-ئوكياننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز دېڭىز دولقۇنى سىنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەتۈر كۆرسىتىش، دېڭىز مۇزىنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تونۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى كۆزىتىش جەريانىدا قوللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىشنى دېڭىز-ئوكياننى قوغدايدىغان <ئۆتكۈر قورال>غا ئايلاندۇرىمىز» دېدى جياڭ ۋېنكەي.
«چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىل مۇھاپىزەت رايونى چۇڭمىڭ ئارىلىنىڭ ئەڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا ـ ئاۋسترالىيە پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش لىنىيەسىدىكى مۇھىم توختاش ئورنى ۋە قىشلاش ئورنى.» شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى نيۇ دۇڭلياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش ـ قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، سۇ قۇشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ماكانىنى تەتقىق قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەرقىي ساھىل مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى.
«چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىلىدىن ئىبارەت ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان بۇ تۇپراقتا تۇرۇپ، <ئەڭ گۈزەل تەبىئەت قوغدىغۇچى> بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچۇم شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىم مۇھىم.» نيۇ دۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا، مەن «قۇشنىڭ سايرىشىنى دورايدىغان پۇشتەك ماھارىتى» ئۈچۈن يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرمەكچى. «قۇشنىڭ سايرىشىنى دورايدىغان پۇشتەك ماھارىتى» بامبۇكتىن پۈۋلەپ چېلىش قورالى ياساپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇشلارنىڭ سايرىشىنى دوراش ھەم قۇشلارنى جەلپ قىلىش، ئاندىن پەن تەتقىقات خادىملىرى مۇھىتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىزمەت چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىلىنىڭ خاسلىقى. مەن بۇ خاس ماھارەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە ئىككىدىن ئۈچكىچە يېڭى ئادەم يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ