ياپونىيە قورال ئېكسپورت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قىرغۇچى قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى

2026.04.22 14:35 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىچكى كابىنېت قارارى ماقۇللاپ، «مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى يۆتكەشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپى» ۋە ئۇنى ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تاماملىغان، پىرىنسىپ جەھەتتە قىرغۇچى قوراللارنى سىرتقا ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قائىدىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ياپونىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قورال-ياراغ ئېكسپورتىنىڭ ئۇرۇشتىن باشقا بەش خىل ئىشلىتىش دائىرىسىدىكى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە قىرغۇچى قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەييار قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىكەن؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال ئېكسپورت قىلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىدىكەن.

يېڭى قائىدىگە ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى باش ۋەزىر، ئىچكى كابىنېت باشلىقى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تەستىقلايدىكەن، تەستىقلانغاندىن كېيىن پارلامېنتقا مەلۇم قىلىدىكەن.

كىيودو ئاگېنتلىقى مۇنداق كۆرسەتتى: ياپونىيە ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزىنى «تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت» دەپ قاراپ كەلگەن، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتى سىياسىتىدىكى زور بۇرىلىش ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ