ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىل يەر كۆمۈر قاتلىمى گازى ئىشلىتىشىدىن ئۈمىد بار

2026.04.22 14:36 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان ئۈرۈمچى خېشى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى تەكشۈرۈش-قېزىش تۈرىنىڭ 1-قارارلىق نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈرنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 12 قۇدۇق لايىھەلەنگەن بولۇپ، 10-ئايدا رەسمىي گاز ئىشلەپچىقارغىلى، كۈندىلىك گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەخمىنەن 35 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، بۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ئاھالىلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەشكە يېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، 3-قارارلىق تۈردە 200 ئەتراپىدىكى گاز قۇدۇقى قېزىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندا، يىلىغا تەخمىنەن 150 مىليون كۇب مېتىر گاز ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، شۇ چاغدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر گازى ۋە سانائەت گازى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ