
2026-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار خۇاڭ دافا قاتارلىق 12 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلات تەشكىللەش، ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش، قاتنىشىش دېلوسىغا 1-سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلات تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى قاتارلىق 21 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن خۇاڭ دافاغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلدى؛ باشقا 11 جاۋابكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىلدىن ئىككى يىل ئىككى ئايغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە جەرىمانە قويدى ياكى شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلدى. بۇ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلات ۋە دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى، پايدىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ