قازاقىستان ۋىزا ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى

2026.04.21 14:50 مەنبە: خەلق تورى

قازاقىستان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەت ۋىزا بېجىرىش ۋە ئىجازەت تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق ياراتماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان مەبلەغ سالغۇچىلار، كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىق چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش، ۋىزا ۋە ئىجازەت بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرغان. مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىچىلار مەخسۇس ۋىزا تۈرىنى ئىشلەتسە بولىدىكەن ھەمدە تېخىمۇ تېز، قولاي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەت ئەل پۇقرالىرى چېگرادىن كىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش شەرتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قىس كەسىپلەر ئاساسلىقى ئۇچۇر تېخنىكىسى، داۋالاش-سەھىيە، ئىجادىي كەسىپلەر ۋە قۇرۇلۇش ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئىنژېنېرى، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، تەكشىلىك لايىھەلىگۈچى ۋە دورىگەرلىك ئىنژېنېرى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2026-يىلى مەزكۇر دۆلەتنىڭ چەت ئەللىك ئەمگەك كۈچى كىرگۈزۈزش نورمىسى 23 مىڭ 600 ئادەم، ئەمگەك كۈچى كۆچمەنلىرىنى كىرگۈزۈش نورمىسى 221 مىڭ 800 ئادەم ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەزكۇر دۆلەت قىس كەسپىي خادىملارغا تەخمىنەن 5100 پارچە ئىجازەتنامە، ئەمگەك كۆچمەنلىرىگە تەخمىنەن 75 مىڭ پارچە ئىجازەتنامە تارقاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ