
4-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭلىق تاغقا چىقىش كىچىك ماھىرى ئەلقۇت دىلشاتتىن ئىگىلىشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى لاگېرىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، 1-قارارلىق دالا مەشقىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان، ھاۋارايى ۋە بەدەننىڭ ماسلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، چوققىغا چىقىش پىلانىنى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئەلقۇت دىلشات 2008-يىل 8-ئايدا تۇغۇلغان، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىسى، «جۇمۇلاڭما چوققىسىدىكى ئۆسمۈر» دەپ نام ئالغان. دادىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا دالا تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرەتتى، يەتتە يېشىدىن باشلاپ قىياغا يامىشىشنى، توققۇز يېشىدىن باشلاپ مۇزغا يامىشىشنى مەشىق قىلغان، ئون يېشىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ تاغقا چىققان.
بۇ قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشتا، ئەلقۇت جۇڭگونىڭ شىمالىي تاغ ئېتىكى لىنىيەسىدىن يولغا چىقىشنى تاللىدى. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، خەتەرلىك يەر شەكلى ۋە قاتتىق كىلىماتقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ