شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 26 بالا بېيجىڭغا بېرىپ ھەقسىز داۋالاندى

2026.04.21 14:47 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا، شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 26 بالا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، بېيجىڭ جىڭدۇ بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى.

شىنجاڭ قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش-قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى نۇرگۈل ئايقىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىمارلار خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، دۇڭشياڭ مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئاران توققۇز ئايلىق، ئەڭ چوڭى 18 ياش، ئۇلار «2026-يىللىق پەرىشتە سەپىرى − شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت تۈرىدىن مەنپەئەتلىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلدى.

«2026-يىللىق پەرىشتە سەپىرى − شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن ھازىرغىچە، جەمئىي 6509 ئادەم قېتىم تاللاپ تەكشۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوپېراتسىيە كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالا 765 كە يەتتى. تۇنجى تۈركۈمدە ياردەمگە ئېرىشكەن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن. ھەقسىز داۋالاش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىمار بالىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۆزى تۆلەيدىغان داۋالىنىش خىراجىتى تولۇق سوممىلىق ياردەمگە ئېرىشىدۇ، بىمار بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ بېرىش-كېلىش قاتناش خىراجىتىنىمۇ پۈتۈنلەي بۇ ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت تۈرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ