دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: مىلىتارىزمنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياپونىيەنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى

2026.04.21 14:49 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە خەلق ئاممىسىنىڭ يىغىلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش غەرىزىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: بىزمۇ ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يۈزلىنىشىنىڭ ياپونىيە دۆلىتى ئىچىدە، ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە بارغانسېرى كۆپ گۇمان ۋە قارشىلىق قوزغىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە ياپونىيەنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ھالبۇكى، ياپونىيە تەرەپ ھازىرغىچە تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە چوڭقۇر، ئۈزۈل-كېسىل ئويلانمىدى، بەزى كۈچلەر يەنە تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاپ، ياپونىيەنىڭ «قايتا ھەربىيلەشتۈرۈش»نى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «يېڭىچە مىلىتارىزم»نىڭ ئاپەتكە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشى كېرەك.

گو جياكۇن مۇنداق كۆرسەتتى: مىلىتارىزمنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياپونىيەنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. بىز ياپونىيە تەرەپنى تارىخىي ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ