دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ يىللىق ھەربىي مانېۋىرىغا ئىنكاس قايتۇردى: بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمىشە ئىزچىل بىر-بىرىنى باغلىۋېلىش ئۆزىگە ئوت تۇتاشتۇرۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ

2026.04.21 14:48 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ يىللىق ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 4-ئاينىڭ 20 ـ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: يەككە تەرەپچىلىك ۋە ھەربىي زومىگەرلىك دۇنياغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئەڭ ئېھتىياجلىق، تاشقى كۈچلەرنى كىرگۈزۈپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئەمەس.

گو جياكۇن مۇنداق دېدى: دۆلەتلەر ئارا ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچكە زىيان يەتكۈزمەسلىك، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلماسلىق ياكى 3 ـ تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمىشە بىر-بىرىگە باغلىنىپ قالسا، ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ