مۇتەخەسسىسلەر جەمەت تارىخى بار كىشىلەر توپىغا 40 ياشتىن كېيىن ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ

2026.04.21 14:48 مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەي شەھەرلىك دۇڭفاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ھەزىم قىلىش ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ مېيدۇڭ: دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۈچەي يولى ئۆسمىسىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە كۆپىنچە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ. جەمەت تارىخى، ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار كىشىلەر توپى 40 ياشتىن كېيىن ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى، 50 ياشتىن كېيىن مەيلى كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىر قېتىم ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ئادەتتە 50 ياشتىن كېيىن، چوڭ ئۈچەي راكى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ. پۈتۈنلەي كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىمۇ چوڭ ئۈچەي راكىنى بايقىيالايدۇ. ئادەتتىكى ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە، ئەگەر دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ ئۈچەي راكى بايقالسا، ئۇ شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتىگە تاجاۋۇز قىلمىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز چوڭ ئوپېراتسىيە قىلمىساقمۇ بولىدۇ، ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بۇ ئۆسمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم سالامەتلىكىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىمىز، بولۇپمۇ ئاشقازان-ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ