
مۇخبىرلىرىمىز شۈ يۈياۋ، چيۇڭدا جوگا
4-ئايدىكى شىزاڭنىڭ رىكازى شەھىرى يادۇڭ ناھىيەسى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، پۈتۈن تاغ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. تاغلار بىلەن ئورالغان زامانىۋى سالمون بېلىقى باقمىچىلىق سېخى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. شيايادۇڭ يېزىسى چيېما كەنتىنىڭ ئاھالىسى گېسانداۋا بۈگۈنكى كۈندە سالمون بېلىقى باقمىچىلىقىدىكى تېخنىكا تايانچىغا ئايلانغانىدى.
ئىختىساسلىقلار توپلىنىپ، تېخنىكا كىرگۈزۈلدى. يادۇڭ ناھىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سالمون بېلىقىنى سۈنئىي كۆندۈرۈش، سۈنئىي كۆپەيتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەسىپنى تەدرىجىي كۆلەملەشتۈردى. «بۇلتۇر، بىز يەنە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، سالمون بېلىقىنى بېلىق قاتلىمىسى، بېلىق پارچىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى قىلىپ پىششىقلىيالايدىغان بولدۇق. بۇ يىل بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، ماركا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەيمىز» دېدى گېسانداۋا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولۇپ.
2025-يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئېگىزلىكنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى، بولۇپمۇ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.»
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.
پەن-تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى زورايتىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ پەن-تېخنىكا تەركىبى ئۆستۈرۈلدى −
لاسا شەھىرىنىڭ لىنجوۋ ناھىيەسىدىكى ئارپا ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش بازىسىدا پەن تەتقىقات خادىملىرى شۇ جايدىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ئارپا تېرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلەۋاتاتتى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى داۋا دۇنجۇ مۇنداق دېدى:«بۇ يەردە ئىلگىرى 4000 خىلدىن ئارتۇق ئارپا ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئۇرۇق پىلازمىسى ئامبىرىدا ساقلانغان ئارپا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بىز ئوخشاش بولمىغان مۇھىت شارائىتىدا قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدىغان، تېخىمۇ يۇقىرى ھوسۇللۇق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈۋاتىمىز.»
ئارپىلا ئەمەس. رىكازى شەھىرىنىڭ بەيلاڭ ناھىيەسىدە، شەندۇڭدىن شىزاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى لى گۇاڭخۇي تەجرىبە پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. لى گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى:«بىز شەندۇڭدىن كىرگۈزۈپ، مۇشۇ يەردە شالغۇتلاشتۇرۇپ تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، مۇشۇ جايغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك مەرۋايىتگۈل يېڭى سورتىنى تەتقىق قىلىپ چىقماقچى. مەرۋايىتگۈلدىن باشقا، يەنە خاڭگا، لازا، شوخلا قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ تۈر تەڭ يولغا قويۇلسا، يەرلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلەش تۈرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلى تېخىمۇ موللىشىدۇ.»
شىزاڭ ئەلا سورت، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تۈزۈم ئارقىلىق ماس كۈچ چىقىرىپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇردى.
تېخنىكا كېڭەيتىش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھوسۇل ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى −
شەننەن شەھىرى نەيدۇڭ رايونى كېسۇڭ مەھەللىسىدىكى دېھقان دەن زېڭمەن ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئۈچ پارنىكنىڭ ھەممىسىگە چېچەكسەي تېرىپ، بىر يىلدا 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم!» ئىلگىرى ئۇ يازلىق بەسەي بىلەن لوبو تېرىيتتى، ھوسۇلى ئاز، باھاسى تۆۋەن بولۇپ، بىرمەھەل دەسمايىسىنى قايتۇرۇشمۇ تەس بولغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شەننەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى ھەر يىلى 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەتنى پۈتۈن شەھەردىكى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن ھەمدە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدىكەن. 2025-يىلى، شىزاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھالقىلىق ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، 5000 دىن ئارتۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا خادىمى پىشقان، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئېتىز-ئېرىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزگەن، ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %95 تىن كۆپرەككە يەتكەن.
شەننەن شەھىرىنىڭ لۇڭزى ناھىيەسىدىكى 30 مىڭ موغا يېقىن تۇتاش كەتكەن ئېتىز ئاسمىنىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دورا چاچماقتا. لۇڭزى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى گېساڭ سىرېن مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىپ، ۋاقىت ۋە كۈچ تېجەلدى.»
شىزاڭ بېيدوۋ تېرمىنالى، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، 2025-يىلى 46 ناھىيە (رايون) 200 مىڭ مو (قېتىم) ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىزاڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئون تۈرلۈك تېرىقچىلىق، ئون تۈرلۈك چارۋىچىلىق، سەككىز تۈرلۈك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە سەككىز تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا پىشىپ يېتىلگەن، قوللىنىشچان تېخنىكىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىشكە ئىشلەتتى.
ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئېگىزلىك ماللىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش −
لىنجى شەھەر ئەتراپىدىكى شىزاڭ شاڭچېڭ ساغلاملىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالمىلىرى مېۋە تاللاش لىنىيەسىدە دومىلىماقتا. شىركەت مەسئۇلى لىن چۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئالمىلىرىمىزنى سېتىش شەكلىمىز كۆپ خىل، يېڭى مېۋە سوۋغاتلىقىمۇ، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئالما قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارمۇ بار.
«داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لىنجى ئالما كەسىپ زەنجىرىدە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن ئۈچنى يېتىشتۈرۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، ئالما كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى.» لىنجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن شىنخاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە شەھەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئورمان ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىدۇ.
2025-يىلى، شىزاڭ رايون ئاممىۋى ماركىسىدىن 20 نى بەرپا قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 9 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10 ئاشۇردى؛ «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە» قاتارلىق ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 514 ىنى ئېتىراپ قىلىپ، 60 تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلدى.
«15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىزاڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدۇ، بولۇپمۇ يالىڭاچ ئارپا، قوتاز، سىيىر ۋە ئوت-چۆپتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر مەنبەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئېگىزلىكتىكى ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئۆستۈرىدۇ.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكىسىنىڭ كۈچ قوشۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېگىزلىكنىڭ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلايمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ