يەكەن ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولدى!

2026.04.20 15:07 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، «دوۋيىن ئۆسمۈرلەر پۇتبول سەپىرى» 2026-يىللىق ناھىيە دەرىجىلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى دۆلەت ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە، يەكەن ناھىيەسى نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن غۇلجا ناھىيەسىنى يېڭىپ، مەملىكەت بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

4-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 30 ناھىيە تەۋەسىدىكى 12 ياشتىن تۆۋەن 56 ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 ناھىيە تەۋەسىدىكى 24 كوماندا «دوۋيىن ئۆسمۈرلەر پۇتبول سەپىرى» تۈرى بىرلەشمە بىر فوندى سىجىل قوللىغان يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدىن كەلگەن. 11 كۈن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق خەينەن ئۆلكىسىنىڭ چيۇڭجۇڭ لىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن قىزلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى باتۇرلۇق بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ