شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى پاراخوت ئەترىتى تەشكىللەپ خېڭداڭ سۇ يولىدىن ئۆتۈپ، غەربىي تىنچ ئوكيانغا بېرىپ مانېۋىر پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2026.04.20 15:06 مەنبە: خەلق تورى

شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ داشياۋسى شۈ چېڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى 133-نومۇرلۇق پاراخوت ئەترىتى تەشكىللەپ خېڭداڭ سۇ يولىدىن ئۆتۈپ، غەربىي تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىپ مانېۋىر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىمنىڭ يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈردى. بۇ، يىللىق پىلانغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن دائىملىق مەشىق بولۇپ، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ئالاھىدە دۆلەت ۋە نىشانغا قارىتىلمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ