
گېزىتىمىز مۇخبىرى
ھازىر، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەسى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش-تۈزەشنى پۇختا تۇتۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
ئۆلچەم-تەلەپكە توغرىلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش
ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىش، مەنبەنى تەكشۈرۈش، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە يېتەكلىدى.
خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن يىللىق ۋەزىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتا، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتا، خىزمەتتىكى تەس نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆرسىتىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىش، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بوللدى.
بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، سەككىز تۈرلۈك مەسىلە، 25 كونكرېت ئىپادىسى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجابىي، سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرىنى رەتلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش-يېتەكلەش ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولىدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «15-بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى، يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى، ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش بويىچە «ھەر ئايدا بىر مەسىلە»نى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قېزىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكىنى سىستېمىلىق رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ، تۈگۈن مەنبەسىنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېيىنكى داۋاملاشما تۈرگە ئايرىپ تۈزىتىش، يېپىق ھالقىسىمان ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشقا دائىر ئاساسلىق مەسىلىلەر تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە-بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىقلاردا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، جابدۇق ئىشلەپچىقىرىشى، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەت بىخەتەرلىكى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى ھەم مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىسىنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيەلىك كادىرلارنى «شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ خىزمەتنى پاك ئىشلىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى»گە بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆزىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاش، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، سىياسىي نەتىجە كوردىناتىنى توغرىلاشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئەمەلىي تۈزىتىش
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭيۈەن شەھىرى جاۋخۇا رايونى سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى «بىرىنچى سەپتە تۈزىتىش-تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزەش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزدى، مەخسۇس گۇرۇپپا پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ، تۈرمۇتۈر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يېپىق ھالقىسىمان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا ماس قەدەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ لياڭپىڭ رايونى دىققەتنى تۈر قۇرۇلۇشى، مالىيە خەۋپ-خەتىرى، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە تۈزىتىش، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس گۇرۇپپا مەخسۇس ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، «تۈزىتىش-تۈزەش-تۈزىتىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش-قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش» يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولدى.
يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، شەھەر، ناھىيە، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تۈر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، سودا مۇھىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى «تارىخىي قەرز»نى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى تاللاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، «بىر مەسىلىگە بىر تىزىملىك دەپتىرى بولۇش، بىر ساھەگە بىر مەخسۇس بەن بولۇش» بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تېگى-تەكتى ئايدىڭ، مەنبە ئېنىق، مەسئۇلىيەت ئەمەلىي بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «يىڭتەندىن تەدبىر سوراش» قاتارلىق سۇپىلاردا توپلانغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، دەرھال تۈزىتىشكە بولىدىغانلىرىنى ساقلاپ تۇرماي، كەينىگە سۆرىمەي، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان دەرھال تۈزەتتى؛ خىزمەتتە ساقلانغان يوچۇق، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇردى.
جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسقا مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىش يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى دىققەتنى ئىنچىكە باشقۇرۇشنىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، ئەنئەنىۋى كەسىپ يولىغا تايىنىۋېلىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە تۇيۇق دائىرە مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق يېتەرسىزلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەسىلە، مەسئۇلىيەت، تۈزىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش
جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردى.
شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش» تۈرىنى باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ بېجىرىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى ئامما رازى بولىدىغان تىزىملىككە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمىن ئۆينى سودىلىشىپ مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەشتىن ئىبارەت تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئوخشاش بىر تارىخىي مەزگىل، ئوخشاش بىر كۆچۈرۈش تۈرىدىكى ئەمىن ئۆيلەرنى مەخسۇس رەتلەشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلامچىلىق بىلەن سوت مەھكىمىسى، بانكا ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئورتاق كېڭىشىپ تەدبىر چىقىرىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، ماتېرىيال ئۈزۈلۈپ قېلىش، كارخانا ئالمىشىش، ھەقدارلىق ھوقۇقى ئوبوروت قىلىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مۈلۈك ھوقۇقىنى «توڭلىتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى موتو ناھىيەسى «موتو ئىشلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش . خەلق رايىغا دائىر ئىشلارنى تېز بېجىرىش» تور سۇپىسىغا تايىنىپ، «ئامما تېما كۆرسىتىش + يىغىپ ھۆكۈم قىلىش + ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمنى بەرپا قىلدى؛ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرقانچە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك كۈچلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
جياڭسۇ ئۆلكىسى بىنخەي ناھىيەسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، دىققەتنى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»، كارخانىلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەت، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق مۇلازىمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئىش تۈرلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق ھېس قىلىشقا تەشكىللەپ، مەسىلىلەرنى بىر ـ بىرلەپ رەتلەپ تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماتېرىيال مۇرەككەپ بولۇش، سىستېما راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بېجىرىشكە تۈرتكە بولدى.
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ليۇجوۋ شەھىرى لېچۈن يولىدىكى «خەلققە قولاي ساتىراشلىق كوچىسى»دا، ساتىراشلىق يايمىسىنىڭ ئىگىسى خۇاڭ ئۇستام كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ چېچىنى خاتىرجەم ياسىيالايدىغان بولدۇم.» ليۇجوۋ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»نى چىڭ كۆزلەپ، شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تەپەككۇرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، دەۋا تەلىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ