دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا بارىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېگرادىن كىرىش بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى

2026.04.17 14:33 مەنبە: خەلق تورى

«كونسۇل بىۋاسىتە لىنىيەسى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، تەخمىنەن 20 نەپەر جۇڭگولۇق ئالىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچكە ئىگە قانۇنلۇق ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا بارغاندا ، ئامېرىكا سېئاتىل ئايروپورتىدا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP)نىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ يولسىز تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىغان ھەمدە چېگرادىن كىرىشى رەت قىلىنغان.

سېئاتىل تاكوما خەلقئارا ئايروپورتىدا جۇڭگولۇق ئالىملارنى يامان غەرەزدە تەكشۈرۈش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئەھۋالىنىڭ ئۇدا يۈزبەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى يېقىندا ئامېرىكىغا بارماقچى بولغانلارغا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئايروپورتتا چېگرادىن كىرىشتىن ساقلىنىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ چېگرادىن كىرىش بەلگىلىمىسىنى ئالدىن تەپسىلىي ئىگىلەپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشنى، ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىسا، سوغۇققانلىق بىلەن ئاقىلانە تاقابىل تۇرۇشنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ