جۇڭگو ئىراننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى

2026.04.17 14:33 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى جۇڭگونىڭ ئىراننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش تۈرى بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇۋاھنامىسىنى ئىمزالىدى.

جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنى ئومۇمىي ئېغىرلىقى 58 توننىغا يېتىدىغان دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئىران خەلقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كولۋاند مۇنداق بىلدۈردى: ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىيىن پەيتتە كۆپ قېتىم ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا، ھەرقايسى سورۇنلاردا ئىرانغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ