
يېقىندا، توردا تۇڭجى داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ XX ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا گۇمان بار دەپ خەۋەر تارقالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مەكتەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەكتەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۇڭجى داشۆسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپ ئەزەلدىن ئىلىم جەھەتتىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا قارىتا «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن كەسكىن، ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ