سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى رايوننى پائال بەرپا قىلىش كېرەك (باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر. ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن سادا)

2026.04.17 14:31 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ۋۇ يەن، جى جۆسۇ

«پۇدۇڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك»، «تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، <تۆت ئىشەنچ> نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك».

− 2020-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شەرق تۈگۈنى خەلقئارا سودا ھەمكارلىق رايونى تۇنجى مەيدان چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى كۈتۈۋالدى، خېلىئاڭ 600 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، لىنگاڭدا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال بازىسى قۇردى، ئاسىلىكاڭ جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇردى. ..«15-بەش يىل»نىڭ تۇنجى پەسلىدە، شاڭخەي پۇدۇڭ ئېچىش، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىقتىدار ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدى، خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى.

2020-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇدۇڭغا يېڭى مۇھىم بۇرچ يۈكلىدى − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى رايون بەرپا قىلىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پۇدۇڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك»، «باتۇرلۇق بىلەن ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك».

پۇدۇڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق جاۋاب بەردى.

يېتەكچىلىك − ئاچقۇچلۇق جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە، شاڭخەي يورۇقلۇق مەنبەسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىشنى ساقلىدى، 34 لىنىيە، 46 تەجرىبە پونكىتى بىر يىلدا ئابۇنىچىلارنى 4000-5000 سائەت يورۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. ..ئۇ 11 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا تىرەك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 200 پارچىدىن ئارتۇقى «ئىلىم-پەن»، «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

3-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىيۈەن ماشىنا ئادىمىدىن 10 مىڭنى مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قىسقىغىنا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 5000 دىن 10 مىڭغا يېتىپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جىيۈەننىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى پېڭ جىخۇي ناھايىتى ھاياجانلاندى: «پۇدۇڭ يېتەكچىلىك رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچ قوشۇشى جىيۈەننىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى تېز يۈگۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىز كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، تىرىشىپ جۇڭگونىڭ تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارىنى دۇنياۋى رىقابەتنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلەندۈرىمىز.»

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. » باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ مالىيەسى پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2020 ـ يىلىدىكى % 3.9 تىن 2025 ـ يىلىدىكى % 9.3 كە ئۆستى، تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 11.2 ئاشتى.

جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىگە 24 مىڭ پەن-تېخنىكا كارخانىسى، 550 مىڭ ئىختىساسلىقلار توپلانغان بولۇپ، تىجارەت كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.5 ئاشتى. 2025-يىلى ئۈچ چوڭ باشلامچى كەسىپنىڭ كۆلىمى 970 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.3 ئاشتى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 1-دەرىجىلىك سەككىز يېڭى دورا، 3-دەرىجىلىك ئالتە ئىجادىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىندى، جەمئىي 44 چوڭ مودېل ئەنگە ئېلىشتىن ئۆتتى. ..پۇدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى پۇختا بولدى.

يېتەكچىلىك − سىستېما جەھەتتە تۇتاشتۇرۇش.

جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدىكى بىر تۈركۈم يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەردە ئىشلىتىلگىنى ئەنئەنىۋى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر بولماستىن، بەلكى پۇدۇڭ تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلتۈرگەن كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال يەر − كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن ئۆتۈنۈپ بېرىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش چەكلەنگەن بولۇپ، تەستىقلىسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەمىشە «بىر كۈن تېز بولسا، كۆزنەك كەڭرەك بولىدۇ». پەن تەتقىقات رىتىمىنى ئەڭ ئاسان بوغۇپ قويىدىغان ئاشۇ قەدەم مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، يەر ئىشلىتىش بىلەن پەن تەتقىقات ئېھتىياجىنى «يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«پۇدۇڭ ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشتا باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، تەجرىبە يارىتىشى كېرەك. » يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان، «بىر كەسىپتە بىر كىنىشكا بولۇش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلار بىر ۋەدىنامە ئىمزالىسىلا تىجارەت باشلىيالايدىغان بولۇشتىن «داۋالاش بىلەن كەسىپنى يۇغۇرۇش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بىيو تېببىي دورا ئالاھىدە بۇيۇملىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈش-چىقىرىشنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقىچە؛ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان «تەكشۈرۈش كودى»نى كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن «پۇيىدا» كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقىچە. ..بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى كونكرېت كۆرۈنۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى.

يېتەكچىلىك − ئېچىۋېتىش داۋامىدا يول ئىزدەش.

شاڭخەي شەنچى توك يول تاختىسى چەكلىك شىركىتى 2023 ـ يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا يېڭى زاۋۇت قۇردى، شىركەت مالىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىڭچى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەڭ قىيىن ئۆتكەل «چېگرا سىرتىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش» رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئىدى.

2025-يىل 3-ئايدا، پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى ھەم ئىش بېجىرىش رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ۋۇ جىڭچى تۇنجى قېتىم بارغاندا، بۇ مەركەز دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تايلاندنىڭ كەسىپلىرىنى پىششىق بىلىدىغان كەسپىي كوللېكتىپ بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەردى. «ئىش بېجىرىش رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى» دېدى ۋۇ جىڭچى ھاياجانلانغان ھالدا. ھازىر، شىركەت ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپ، يېڭى كەسىپلەرنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

شاڭخەي ئالتۇن سودا بازىرى شياڭگاڭدا تۇنجى بولۇپ قىرغاقتىن سىرتىدىكى ئالتۇن تاپشۇرۇش ئامبىرى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۇقتىلىق ساھەدە قايتا ياسالغان مەھسۇلات ئىمپورتىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى؛ 2025 ـ يىلى، ياڭشەن پورتىنىڭ يۈك ساندۇق كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى 2024 ـ يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن، 2025 ـ يىلى بۇ ئورۇننى ساقلىدى. ..

«تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، <تۆت ئىشەنچ>نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شاڭخەي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پۇدۇڭ يېتەكچى رايون قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەجرىبە ئېتىزى ۋە مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ