فىرانسىيە تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى! «ناتوغرا يول بىلەن ئېرىشكەن بايلىقنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ»

2026.04.16 10:59 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى 170 قوللاش بېلىتى، 0 قارشى بېلەت بىلەن بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە مەزگىلىدە تالان-تاراج قىلىپ ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى. پارلامېنت ئەزاسى ژېرېمى . پاترىي-لېتۇس سۆز قىلغاندا، فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئەدىب ۋىكتور ھيوگونىڭ ئارزۇسى ئۈستىدە توختىلىپ: «فىرانسىيە تۈپتىن ئۆزگىرىپ، ناتوغرا يول بىلەن ئېرىشكەن بايلىقنى بۇلاپ كېتىلگەن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ»، ئۇ ئۇدۇللا قىلىپ «بۇ كۈن ئاخىر يېتىپ كەلدى» دېدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى 1815-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىرانسىيە ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىبارەت. فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن كېڭەش پالاتاسى بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازغا قوشۇش تەرتىپىگە كىردى. بۇنىڭدىن باشقا، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە بېلەت تاشلاپ ماددىلارنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتتىن قانۇنسىز ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىنى ھەر يىلى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ