رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2026.04.16 10:58 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سوئال سورىدى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ جۇڭگودىكى زىيارەت سەپىرىنى يېقىندىلا ئاخىرلاشتۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ جۇڭگونىڭ ھورمۇز بوغۇزى قامال قىلىنغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتچى بۇنىڭغا باھا بېرەلەمدۇ؟

گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى توغرىسىدا، بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى كۆپ قېتىم ئىزاھلىدۇق. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا، ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ