ئالتە تارماق 2026-يىللىق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2026.04.15 15:31 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى پۇختا مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئالتە تارماق مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: 2026-يىلى ھەرقايسى جايلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تىرەك قىلىپ، دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملاشقان، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوللاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ