
2026-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شېنجېن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن جاۋابكار ئورۇن خېڭدا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش، مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش، ئالدامچىلىق قىلىپ ئاكسىيە تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ئىدارە-ئورۇنلارغا پارا بېرىش، جاۋابكار ئورۇن خېڭدا يەر-مۈلۈك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىپ ئاكسىيە تارقىتىش، جاۋابكار شۈ جيايىننىڭ ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش، پۇل توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز تارقىتىش، مەبلەغنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىش، ئالدامچىلىق قىلىپ ئاكسىيە تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىۋېلىش، ئىدارە-ئورۇنلارغا پارا بېرىش دېلوسىغا ئاشكارا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.
سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، سوت ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى چۆرىدەپ سوت تەكشۈرۈشى ھەم سوت مۇنازىرىسى ئېلىپ باردى، جاۋابكار ئورۇن، شۈ جيايىن ئاخىرقى بايانىنى سۆزلىدى. شۈ جيايىن سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ھۆكۈمنى ۋاقىتنى تاللاپ ئېلان قىلىدۇ.
بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مەبلەغ توپلاشقا قاتناشقانلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سوتنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ