
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزىلارغا بېرىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، 2026-يىللىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىسى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يىل، بېيجىڭ شەھىرى 467 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىسى بولۇپ، يېزىلارغا بېرىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىسىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى مەمۇرلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىش، كەسپىي ئورۇنلارغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش، داۋاملىق ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى قوللاش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر ئارقىلىق، توختام مۇددىتى توشقان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۆتكىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2019-يىلىدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئۇدا سەككىز يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىلىرىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، 2000 كىشىلىك كۆلەمدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى 1700 دىن ئارتۇق كەنتتە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. نۆۋەتتە، توختام مۇددىتى توشقان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەمچىلىرىنىڭ %93ى كۆچمە تەرەققىيات بويىچە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېرىمدىن كۆپرەك خادىم ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تاللىدى.
بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىگە ئىمزا قويغان يىلى ئىككى يىل (2025-يىلى، 2026-يىلى) بولغان بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ھەمدە 2024-يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان (ھېچقانداق ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش خاتىرىسى يوق) بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ