
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يېقىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك ۋە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايون)نىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى بار ئىكەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشى، ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ