سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئېچىۋېتىشكە بولمايدۇ! مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇكاپاتلاشقا دائىر 11 بەلگىلىمە ئېلان قىلدى

2026.04.14 14:55 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇكاپاتلاشنى قېلىپلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.

توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇكاپاتلاشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە پايدا ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تور بېكەت سۇپىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ساغلام يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، ھازىر ئالاقىدار خىزمەت تەلەپلىرى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ:

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇكاپاتلاشنى قېلىپلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى

1. مۇكاپاتلاش قائىدىسىنى ئېنىق كۆرسىتىش

2. مۇكاپاتلاش، پايدا ئېلىش ھوقۇقىنى ئېچىشنى قېلىپلاشتۇرۇش

3. مۇكاپات سوممىسىغا چەك قويۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش

4. مۇكاپات ئەسكەرتىشى بېرىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش

5. مۇكاپات سوممىسى رەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش

6. مۇكاپاتلاش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش

7. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

8. مۇكاپاتتىن پايدا ئېلىش قىلمىشىنىڭ پاسسىپ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش

9. بىنورمال مۇكاپاتلاشنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش

10. ئەرز قىلىش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

11. بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ