دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت «چوڭ ئىش»نىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ (ئوقۇرمەنلەر سوئالى • ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش)

2026.04.14 14:50 مەنبە: خەلق تورى

ئۆز مۇخبىرىمىز چى يۈكۇن

يېقىندا، نۇرغۇن سورۇنلاردا 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» توغرىسىدىكى ئېلانلارنى كۆردۇق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت «چوڭ ئىش»نىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

− خەلق تورىدىكى تورداشلار

دۆلەت خەۋپسىزلىكى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ھەربىي قورال-جابدۇقلار، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ياراشتۇرۇش، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئېسىگە ئالىدۇ، بۇ ئىشلارنى مەخسۇس ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۆزىدىن ناھايىتى يىراقتا، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. تېخنىكا ئۆزگىرىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپسىزلىك ئېھتىياجى ئېشىپ، ئېكولوگىيە، تور، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپسىزلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىردى.

بىرنەچچە مىسال كەلتۈرسەك: خالىغانچە چېكىلگەن ناتونۇش تور ئۇلانمىلىرى چېگرا سىرتىدىكى قەستكارلارنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان كىرىش ئېغىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئۆز ئالدىغا چېگرا سىرتىدىن ئېلىپ كەلگەن مېۋە-چېۋە، كۆكتات، ھايۋانات ئەۋرىشكىلىرى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن؛ يان تېلېفوندا خالىغانچە تارتىلغان سەزگۈر كۆرۈنۈشلەر دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان «قەرەللىك بومبا» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى «يۇقىرى مائاشلىق قوشۇمچە خىزمەت» ئېزىقتۇرۇشىغا جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ قىلتىقى يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. ..

بۇلار كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلار بولماستىن، بەلكى كىشىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان جانلىق مىساللار، بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن موللاق ئېتىپ، چوڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقتىن، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېيتساق، بىر قاچا ئىسسىق مىفەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن كەلگەن؛ يېرىم كېچىدە خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ كېچىلىك تاماق يېيىشنىڭ ئارقىسىدا جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى بار...

دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت «چوڭ ئىش» ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن زىچ باغلانغان، ئۇ بىزنىڭ يېنىمىزدا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر كۈندە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

2014-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا «ئومۇمىي جەھەتتىن» تەكىتلەنگىنى دەل «زور خەۋپسىزلىك» ئىدىيەسى، يەنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا، يۇقىرى قاتلام بىلەن ئاساسىي قاتلام، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى تۇتاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

2015-يىل 7-ئايدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. بۇ قانۇندا، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىنى «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» دەپ بەلگىلەنگەن. تەربىيە كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ھېچكىم بىر چەتتە قاراپ تۇرسا، ئۆزىنى چەتكە ئالسا بولمايدۇ. «ئۆتكەن-كەچكەن ئادەم»دىن «قوغدىغۇچى»غىچە، ئادەتتىكى كىشىلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكى بولسا بولىدۇ، شۇنداقلا بولۇشى كېرەك: كۆپرەك ھوشيار بولۇش، يەنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مەخپىيىتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق، گۇمانلىق قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوكلات قىلىش؛ تەلەي سىناشنى ئازايتىش، يەنى سەزگۈر كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە سۈرەتكە تارتماسلىق، تارقاتماسلىق، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-پاسات تارقاتماسلىق كېرەك...

بۇ يىللاردا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق-تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئېرىشكۈچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ھەم قاتناشقۇچىسى، ئورتاق قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز بىر قاتار مۇھىم خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىق پۈتتۇق. دۆلىتىمىزدىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 2012-يىلىدىكى %87.55تىن 2025-يىلىدىكى %98.23كە ئۆرلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىدى؛ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئۇدا ئىككى يىل 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق سەۋىيەنى ساقلاپ، «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى» قولىمىزدا تېخىمۇ مەھكەم تۇتۇلدى؛ 2025-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچەPM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 28.0 مىكروگىرام/كۇب مېتىر بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. ..

خۇددى تورداشلار ئېيتقاندەك، «بىز تىنچ يىللاردا ئەمەس، بەلكى تىنچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز».

سىرتقا قارىساق، كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار ئۇرۇش ئوتى، ئاپەتكە چوڭقۇر پېتىپ قالدى، پۇقرالار يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى؛ ئىچكى جەھەتتىن قارىساق، تۇرۇۋاتقان ۋەتىنىمىز تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم، بىخەتەرلىك خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش بىزگە ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

تەستە قولغا كەلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق قوغدىشىمىزغا موھتاج. ھەربىر ئاددىي كىشى ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرگەندىلا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پولات ئىستىھكامى مۇستەھكەم بولىدۇ، دۆلەت تىنچ-ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان بەختلىك تۇرمۇش ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ