
4-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن. ھاياتلىقنى قوغداش» 2026-يىللىق ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش يىغىنى شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىن ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە پەن تەتقىقات، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش، ئىختىساسلىقلار ۋە سىستېما قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا تەجرىبە تىپىدىن ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، سىستېمىلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىگىرى سۈرۈپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
يىغىندا «شىنجاڭدىكى ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش تەتقىقاتى» تۈرى قوزغىتىلىپ، زور ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئارقىلىق، كۆپ مەركەز، كۆپ پەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەشكىللىنىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەدبىرىنى تۈزۈش ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە يەنە «2026-يىللىق بېيجىڭ-خوتەن پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرىدىكى ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پەن تەتقىقاتىنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ